ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاۋىياماتكىسىنى چېكىندۈردى

ئامېرىكا USS Nimitz ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىندۈردى.

1576378
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاۋىياماتكىسىنى چېكىندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران بىلەن بولغان جىددىيلىك سەۋەبىدىن تەخمىنەن توققۇز ئايدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە تۇرغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ USS Nimitz ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ ھىندى – تىنچ ئوكيان مەشغۇلات رايونىغا يۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كىربي بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئاۋىياماتكىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاۋىياماتكىنى ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

كىربي ئاۋىياماتكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئىستراتېگىيەلىك سەۋەبىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاراخوتنىڭ دېڭىزدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ پاراخوت چېكىندۈرۈلگەن رايونغا باشقا بىر پاراخوت ئەۋەتمەسلىكىگە جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان جىددىيلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقى دەپ باھا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر