پالەك پارتلاتقۇچلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش يوللىيالايدۇ

مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرى قۇرغان مېخانىزم ئارقىلىق پالەكتىن ئېلېكترونلۇق ئاگاھلاندۇرۇش خىتى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىدى.

1575803
پالەك پارتلاتقۇچلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش يوللىيالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتى (MIT) مۇتەخەسسىسلىرى نانو تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، پالەكنى پارتىلاتقۇچ ماددىلارنى بايقىيالايدىغان سېنزورغا ئايلاندۇردى.

پارتلاتقۇچ خىمىيەلىك ماددىلارنى ھېس قىلغان پالەك بۇ ئۇچۇرلارنى سىمسىز شەكىلدە تەتقىقاتچىلارغا يوللىيالىدى.

پالەكتە يۇقىرى مىقداردا تۆمۈر ۋە ئازوت بار بولۇپ، كاتالىزاتور رولىنى ئوينايدىغان بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ياردىمىدە ، يىلتىزى ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىدە نىتروئوروماتىكنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى بىلەلەيدۇ.

نىتروئوروماتىك كۆپىنچە پارتىلاتقۇچ ماددىلارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك مىنالاردا ئىشلىتىلىدۇ. پالەكنىڭ ئىچىدىكى نانو قۇتىسى مىنانى بايقاپ سىگنال شەكىللەندۈرىدۇ.

پالەكنى كۈزەتكەن ئىنفىرا قىزىل نۇر كامېراسى بۇ سىگناللارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال تەتقىقاتچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلېكترونلۇق خىتى يوللايدۇ.

ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى پەلەككە ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئورۇنلاشتۇرماسلىق توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بىرسى بولغان بۇ سىناقتا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن ئوخشىمىغان ساھەلەردە پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر