كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا  جېنىدىن ئايرىلدى.

1575742
كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى فېردېۋس فرامارزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇ شىر ۋە سېلىم كارۋان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

كابۇلدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىككى بومبا ھۇجۇمىدىمۇ 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر