بىرمادا سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى

بىرمادا 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 1-فېۋرال) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، كابېنتتىكى 24 مىنىستىر ۋە ياردەمچىلىرى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1575656
بىرمادا سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىگە تەۋە مياۋاددىي (Myawaddy) تېلېۋىزىيەسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ھەربىي تەرەپنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ۋىن ميىنت (Win Myint ) ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىرلارنىڭ خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە 11 نەپەر يېڭى مىنىستىرنىڭ خىزمەتكە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئورنى تولدۇرۇلغان مىنىستىرلىقلار ئارىسىدا، مالىيە، سەھىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندە بىرما پىرېزىدېنتى ۋىن ميىنت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىرمانىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە دۆلەت دېموكراتىيەسى بىرلەشمىسى (NLD) نىڭ ئاساسلىق كىشىلىرى تۇتۇلغان ئىدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەر تۇتۇلۇپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندە مياۋاددىي تېلېۋىزىيەسىدە قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ۋە دۆلەتتە بىر يىل جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بىرمانىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭ (Min Aung Hlaing) جىددىي ھالەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دېموكراتىك سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. دۆلەت دېموكراتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى بولسا، خەلقنى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر