مىسىررافاھ چېگرا ئېغىزىنى تۆت كۈنلۈك ئاچتى

ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى ئاستىدىكى غەززە  بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان رافاھ چېگرا ئېغىزى ئالاھىدە ئەھۋاللار ئۈچۈن قوش يۆنىلىشلىك شەكىلدە تۆت كۈنلۈك ئېچىۋىتىلدى.

1575241
مىسىررافاھ چېگرا ئېغىزىنى تۆت كۈنلۈك ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋىتىلگەن رافاھ چېگرا ئېغىزىدىن يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا ئالاھىدە ئەھۋاللار ئۈچۈن ئېچىلغان چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشنىڭ بۈگۈندىن باشلىغانچە 4-فېۋرال پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مارتتا كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە قوش يۆنىلىشلىك ئۆتۈشلەرگە تاقىۋىتىلگەن رافاھ چېگرا ئېغىزى ئاندا-ساندا بىر نەچچە كۈنلۈك ئېچىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر