خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەيۋەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە يەنە تاجاۋۇز قىلدى

خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 5 ئايروپىلان تەيۋەن ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) غا ئۈسۈپ كىردى.

1574908
خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەيۋەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە يەنە تاجاۋۇز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فوكۇس تەيۋەن» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە رازۋىتكا  ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبتىن دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا، شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە رازۋىتكا ئايروپىلانىنىڭمۇ تەيۋەن ھاۋا ساھەسىگە يېقىن ئۇچقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى، لېكىن بۇنىڭ 2020-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن تۇنجى ئامېرىكا ئايروپىلانى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ، خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، تەيۋەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە رادىيو ئارقىلىق خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي تېخى يېقىندىلا يەنى 24-يانۋار(2021) دىمۇ 15 ئايروپىلان بىلەن تەيۋەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر