يەمەن ئارمىيەسى خۇسىيلارنىڭ ياردەمچى قىسىم قوماندانىنى ئۇجۇقتۇردى

يەمەن ئارمىيەسى غەربتىكى ھۇدەيدە شەھىرىدە خۇسىيلارنىڭ ياردەمچى قىسىم قوماندانى بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇرلارنى  ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1574431
يەمەن ئارمىيەسى خۇسىيلارنىڭ ياردەمچى قىسىم قوماندانىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئامالىكا بىرىگادىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئارمىيەگە قاراشلىق بىرلەشمە كۈچلەر ھۇدەيدەنىڭ شەرقىدىكى خۇسىي ئۇنسۇرلىرىنىڭ «كىلو 16» رايونىغا ياردەمچى قىسىم يوللاش ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قالغان.

خۇسىيلارنىڭ ياردەمچى قىسىم  قوماندانى ئىبراھىم ئەد دەيلەمى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار رايوندىكى ئۇرۇش لىنىيەسىگە كىرمەكچى بولغاندا ئۆلتۈرۈلگەن.

باياناتتا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى، خۇسىيلاردىنمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

گەرچە يەمەندىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش دائىرىسىدە 2018 - يىلى دىكابىردا شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا خۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان ۋە ھۇدەيدە شەھىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەپلەرلەرنىڭ  بىر بىرىگە قاراتقان ئەيىبلەشلىرى سايىسىدا بۇ كېلىشىم ھازىرغىچە قەغەز يۈزىدىلا قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر