ئېكۋادور پىرېزىدېنتىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاندىن كاشىلا چىقتى

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى لېنىن مورېنونى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان مېخانىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جىددىي قوندى.

1574388
ئېكۋادور پىرېزىدېنتىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاندىن كاشىلا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور رەھبىرىنىڭ ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە بۇ ھادىسىنىڭ زىيارەتتىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مورېنو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى  ئۇقتۇرۇلدى. لېكىن ئايروپىلاندا كۆرۈلگەن كاشىلا ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر