بايدىن گۇئانتانامونى تاقاشقا چاقىرىق قىلىندى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننى گۇئانتانامو قولتۇقىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى دەرھال تاقاشقا چاقىردى.

1574059
بايدىن گۇئانتانامونى تاقاشقا چاقىرىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، گۇئانتانامودا تۇتۇلۇۋاتقان 3 گۇماردارنىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىغا دائىر دەۋالاردىن كېيىن كەلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، گۇئانتانامو تۈرمىسىنىڭ خەلقئارا ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىمىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بىر تۈرمە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلە ۋە قاماش، بايدىن ھۆكۈمىتى دەرھال خاتىمە بېرىشكە تېگىشلىك ئوچۇق – ئاشكارا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدۇر.»

گۇئانتانامو تۈرمىسىدە نۆۋەتتە 40 مۇسۇلماننىڭ تەخمىنەن 20 يىلدىن بۇيان سوتلانماستىن تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «گۇئانتانامو تۈرمىسى بىر قېتىم ۋە تامامەن تاقىلىشى كېرەك» دېيىلدى.

Associated Press نىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۇدا 17 يىلدىن بۇيان گۇئانتانامودا تۇتۇلۇۋاتقان ھىندونېزىيەلىك ئەنجەپ نۇرجامان ۋە مالايشىيالىق مۇھەممەد نازىر بىن لەپ بىلەن مۇھەممەد فارىق بىن ئامىننى ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا گۇماندارلارنىڭ ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقى دەۋاسى دىققەت قوزغىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە، 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا بۇ كىشىلەر ھەققىدە تەييارلانغان ئەيىبنامە رەت قىلىنغانىدى.

گۇماندارلار، 20002 – يىلى ھىندونېزىيەنىڭ «بالى ئارىلى» دا 202 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بومبا ھۇجۇمى ۋە 2003 – يىلى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا بىر مېھمانخانىنىڭ سىرتىدا، 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىش ۋەقەلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر