كوۋىند: ھىندىستان - خىتاي چېگراسىغا زاپاس ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردۇق

ھىندىستان پىرېزىدېنتى رام نات كوۋىند ھىندىستان - خىتاي چېگراسىغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1573710
كوۋىند: ھىندىستان - خىتاي چېگراسىغا زاپاس ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»، ھىندىستان پىرېزىدېنتى كوۋىندنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە «ئەمەلىي كونترول قىلىش لىنىيەسى» چېگرا رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كوۋىند پارلامېنتتىكى سۆزى جەريانىدا، ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇمچە ھەربىي كۈچ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ھۆكۈمىتىم پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ» دېگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

ئېقىن سۇلار، كۆل، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا، بەزىدە ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق سۈركىلىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھىندىستان تەرەپ «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ئارۇناچال پرادېش ئىشتاتىدىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يېڭى دېھلى ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوننى خىتاينىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

گەرچە تەرەپلەر ئۇزۇن يىللىق سۆھبەتلەرگە قارىماي ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىنى ھەل قىلالمىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت 2017- يىلى خىتاينىڭ رايوندىكى چېگرا يولىنى تالاش – تارتىشلىق ئېگىزلىككە تۇتاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە كۈچىيىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر