رۇسىيە 7 – گ گۇرۇھى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1572713
رۇسىيە 7 – گ گۇرۇھى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكىل تاپقان 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلىنىڭ، رۇس ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بۇ باياناتنى ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش ۋە دۈشمەنلەرچە تاشلانغان بىر قەدەم دەپ قارايمىز»  دېيىلدى.

7 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولىنى يوقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەر ۋە پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشقا، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ۋە باشقا ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمىز.»

7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى، سەيشەنبە كۈنى، رۇس  ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ۋە موسكۋا ھۆكۈمىتىنى ناۋالنىينى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر