سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋاملاشماقتا

سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا داۋاملاشماقتا.

1572336
سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ 15 تىن ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان ئاساسىي قانۇننى تۈزۈشكە مەسئۇل «كىچىك گۇرۇپپا» ئەزالىرىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يىغىنىغا، ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئېر ئو.پېدېرسېن رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر، سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى 5 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى بولغان «ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى» توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كومىتېتنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يېپىق يىغىنى 29- يانۋار جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

پېدېرسېننىڭ يىغىن ئاخىرلاشقان كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق يىغىننىڭ ۋاقتى ۋە كۈنتەرتىپى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشى كۈتۈلمەكتە.

پېدېرسېن 1 - ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەرەپلەرنى ئاساسىي قانۇننى يېزىشنى باشلاشقا چاقىرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر