رۇسىيەدە 14 مىڭ يىل ئىلگىرى نەسلى يوقۇلۇپ كەتكەن تۈكلۈك كەركىدان تېپىلدى

رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى مۇزلۇقلاردا 14 مىڭ يىل ئىلگىرى نەسلى يوقىلىپ كەتكەن تۈكلۈك كەركىدان تېپىلدى.

1572128
رۇسىيەدە 14 مىڭ يىل ئىلگىرى نەسلى يوقۇلۇپ كەتكەن تۈكلۈك كەركىدان تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇزلۇقنىڭ ئېرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان كەركىداننىڭ ياش ئىكەنلىكى ۋە سازلىقتا ياكى دەريادا قاپسېلىپ قىلىپ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ كەركىداننىڭ قاپسېلىپ قالغاندىن كېيىن، نەسلى يوقالغان يىرتقۇچ تاغ شىرلىرى تەرىپىدىن قوغلانغان ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىر كېلىدىغان كەركىدان قاپسېلىپ قالغان يەردىكى لاي – پاتقاقنىڭ  40 مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ تۈكلىرىنى قوغداپ قالغان، دەپ قارالماقتا.

تۈكلۈك كەركىداننىڭ تەخمىنەن 14 مىڭ يىل بۇرۇن كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن نەسلى يوقىلىشتىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە، ياۋروپا، خىتاي ۋە كورېيەدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر