پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننى تەبرىكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

1571891
پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى پۇتىننىڭ جو بايدىننى تەبرىلىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«پۇتىن بايدىننى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىدى. پۇتىن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ، ھەر ئىككى دۆلەتتىن باشقا، دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە مەسئۇلىيەتلىرىنى دىققەتكە ئالغاندا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى» نى ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە: «تەرەپلەر ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، يادرو قورال ئىسكىلاتلىرىغا ئۆزئارا  چەك قويۇش ئۈچۈن، مۇھىم بولغان بارلىق خەلقئارالىق قانۇنى مېخانىزمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تەرتىپلىرىنى تاماملايدۇ» دېيىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «مۇزاكىرە قىلىنغان خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئارىسىدا، ئامېرىكانىڭ ئوچۇق ئاسمان كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىشى، ئىران يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرلىكتە ھەرىكەت پىلانىنى قوغداش مەسىلىسى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىش تەشەببۇسى» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر