G7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ناۋالنىينى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

G7 دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسىي ناۋالنىينى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1571896
G7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ناۋالنىينى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى ئورتاق ئىمزا بىلەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ناۋالنىينى قولغا ئېلىش پوزىتسىيەسى تەنقىد قىلىندى.

باياناتتا، ناۋالنىينىڭ «سىياسىي مۇددىئا» بىلەن قولغا ئېلىنقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيە مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن نامايىشلاردا، «مىڭلىغان تىنچ نامايىش قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە نۇرغۇن ژۇرنالىستلارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېسىقتۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، «رۇسىيە دائىرىلىرىنى ناۋالنىي ئەپەندىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر