ئىتالىيەدە باش مىنىستىرى  ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشماقتا

ئىتالىيەدە باش مىنىستىر جۇسېپپې كونتې مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، كابىنېتقا ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان بولدى.

1571209
ئىتالىيەدە باش مىنىستىرى  ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13-يانۋاردا ئىتالىيەدىكى تۆت پارتىيە ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن باشلانغان ھۆكۈمەت كرىزىسىنىڭ يېڭى بىر بۇرۇلۇشقا قەدەم قويىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىتالىيە باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانى يازما باياناتتا، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بۈگۈن چاقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «باش مىنىستىر جۇسېپپې كونتې ئىستىپا بېرىش تەلىپىنى پىرزىدېنتقا يوللايدىغانلىقىنى مىنىستىرلىرىغا ئېلان قىلىدۇ. باش مىنىستىر كونتې كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن پرېزىدېنت سېرگىيو ماتتارېللا بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېيىلدى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىتالىيە ۋىۋا پارتىيەسىنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق نىسبىتى خەۋىپكە دۇچ كەلگەن كونتېنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئالفونسو بونافېدا ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز بېلەت ئېلىش ئېھتىمالى بېكىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىستىپا بېرىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

كونتېنىڭ ئۆز رەھبەرلىكى ئاستىدا پارلامېنتتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاق قۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە پرېزىدېنتنىڭ مەسلىھەت ئېلىپ بارالىشى ئۈچۈن ئىستىپا بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر