سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش تۈركىيەدىمۇ ھېس قىلىندى

سۈرىيەنىڭ ھاسەكى شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن 5.2 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش تۈركىيەدىمۇ ھېس قىلىندى.

1571445
سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش تۈركىيەدىمۇ ھېس قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 14.17 دە، سۈرىيەنىڭ ھاسەكى شەھىرىدە 5.2 بال چوڭلۇقتا ۋە 11 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئاپەت تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدىكى ۋىلايەتلەردىمۇ ھېس قىلىنغان، بولۇپمۇ ماردىن چېگراسىدا ياشاۋاتقانلار يەر تەۋرەشنى ھېس قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر