مالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى
مالىدىكى ئايرىم ئىككى بازىغا قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئالتە ئەسكەر قازا قىلدى.
1570200

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ ئىچكى قىسملىرىغا جايلاشقان بولكېسسى ۋە موندورو ھەربىي بازىلىرى بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، ئالتە مالى ئەسكىرى قازا قىلدى، ۋەقە نەتىجىسىدە چىققان توقۇنۇش جەريانىدا 40 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.