ئامېرىكا- ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خىتايغا بولغان ئەندىشىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاللېس بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

1569896
ئامېرىكا- ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى خىتايغا بولغان ئەندىشىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى جۈمە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى باشلىغان ئوستىننىڭ ئەنگىلىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتىدا، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ (كوۋىد -19)  يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، خىتايغا بولغان ئەندىشىلەر، رۇسىيە تەھدىتلىرى، ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدىكى مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ قېتىم ماقۇللانغان مۇداپىئە ھەمكارلىق قارارلىرىنىڭ موھىم ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

ئوستىننىڭ سۆھبەتتە، ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا-ئەنگىلىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە بولغان ساداقىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر