ئىراقتا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقتا پايتەخت باغداد ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1569549
ئىراقتا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يېرىم كېچىدە پايتەخت باغداد ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا 3 دانە راكېتامىيوت ئېتىلغان، بۇلاردىن ئىككىسى ئايرودۇرۇم ئەتراپىغا، ئۈچىنچىسى بولسا باغدادنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەلجىھاد مەھەللىسىدىكى بىر پۇقرانىڭ ئۆيىگە چۈشكەن ۋە ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان. بەختكە يارىشا ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر