ئىراق تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمنىڭ جارابكارىنىڭ دائېش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىراق ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خالىد مىھاننا تۈنۈگۈن پايتەخت باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1568741
ئىراق تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمنىڭ جارابكارىنىڭ دائېش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خالىد مىھاننا، باغدادتا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈنكى بىر بازار نىشان قىلىنغان ۋە 32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارتلاشنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بار. دەرۋەقە، دائېش بۇ پارتلاش ئارقىلىق ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سىگنال بېرىشنى پىلانلىغان.»

تۈنۈگۈن، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ مەركىزى تەيەران مەيدانىدا، كونا نەرسە – كېرەكلەر ۋە كىيىم – كېچەكلەر سېتىلىدىغان بىر بازاردا، ئارقىمۇئارقا ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنىدى.

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، ھۇجۇمدا 32 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 110 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر