ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەكلىپ قىلدى

ئامېرىكا ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ رۇسىيەگە مۇددىتى فېۋرالدا توشىدىغان «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمى (New START) نى بەش يىل ئۇزارتىشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى توغرىلىدى.

1569224
ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى (Jen Psaki) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بايدىننىڭ كېلىشىمنى ئۇزارتىشنى پىلانلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ كېلىشىمنى بەش يىل ئۇزارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى راست» دېدى.

ئۇ بايدىننىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كېلىشىم رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچىنى چەكلەيدىغان بىردىنبىر كېلىشم» دېدى.

ئۇ رۇسىيە سىياسىتى توغرىسىدا: «رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىن ھەمكارلاشساقمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ پەرۋاسىزلارچە ۋە دۈشمەنلەرچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل دەپ قارايمىز. پىرېزىدېنت بايدىن ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىغا ‹سولار ۋىندس تور ھۇجۇمى› ۋە رۇسىيەنىڭ 2020-يىلىدىكى سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى ئالېكسېي ناۋالنىيغا خىمىيەلىك سۈيىقەست قىلغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن پۇل تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىمۇ تەكشۈرىمىز» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپ  قارشى چىققان ۋە سايلانغان ئەھۋالدا يېڭىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان كېلىشىمنى ئۇزارتىشنىڭ، ھەم ناتونى ھەمدە رۇسىيەنى مەمنۇن قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سابىق پىرېزىدېنت ئوباما 2010-يىلى 5-فېۋرال رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان «NewSTART» كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 5-فېۋرال (2021) توشىدۇ.

كېلىشىم رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ يادرو قورال بېشىنىڭ سانىنى 1 مىڭ 550 كە چۈشۈرۈشنى شەرت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر