ئافغانىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر ھەربىي ئاپتوموبىل نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1569007
ئافغانىستاندا ھەربىي ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كابۇلنىڭ كوتېئى سانگى رايونىدا، نامەلۇم قوراللىقلار بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ئىككى ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋانلار رايوندىن قاچقان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر