موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئۇخنااگىن خۇرېلسۇخ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئۇخنااگىن، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا قارشى يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈشىدىن بىر كۈن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1569191
موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئۇخنااگىن خۇرېلسۇخ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئۇخنااگىن خۇرېلسۇخ، نەچچە يۈز كىشىنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈشىدىن بىر كۈن كېيىن ئىستېپا خېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى پارلامېنتقا سۇندى.

خۇرېلسۇخ بايانات بېرىپ، نامايىشنى پىرېزىدېنت خالتما باتتۇلگانىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل توشىدىغان پىرېزىدېنت باتۇلگا بولسا، موڭغۇلىيە باش مىنىستىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى داۋالغۇتۇپ قويىدىغان شەكىلدە بۇنداق بايانات بېرىشىنى چۈشىنىشتە قىيىنالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خۇرېلسۇخنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتىغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر نامايىش، يۇقۇم بايقالغان يېڭى ئانا بولغان بىر ئايالنىڭ ئالدىراپلا دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر بىر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

نامايىشچىلار، مەزكۇر يېڭى ئانىغا قىلىنغان مۇئامىلىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر