باغدادتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جارابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈنۈگۈن  ئىراقنىڭ پايتەخت باغدادتا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1568932
باغدادتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جارابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باغدادنىڭ مەركىزىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خالىد مىھاننا، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈنكى بىر بازار نىشان قىلىنغان ۋە 32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «پارتلاشنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بار. دەرۋەقە، دائېش بۇ پارتلاش ئارقىلىق ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سىگنال بېرىشنى پىلانلىغان.»

ھۇجۇمدىن كېيىن ھەربىي ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولدى.

تۈنۈگۈن، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ مەركىزى تەيەران مەيدانىدا، كونا نەرسە – كېرەكلەر ۋە كىيىم – كېچەكلەر سېتىلىدىغان بىر بازاردا، ئارقىمۇئارقا ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنىدى.

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، ھۇجۇمدا 32 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 110 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر