ئىسپانىيەدە بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەردى

ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا بىر بىنادا گاز سىزىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يوقاپ كەتتى.

1568095
ئىسپانىيەدە بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا بىر بىنادا گاز سىزىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يوقاپ كەتتى. ئېغىر يارىلانغان بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى يارىلاندى.

يەرلىك مەسئۇللار، پاژانى ۋە پۇقرالارنى قوغداش خادىملىرى ھەمدە ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پارتلاش بىنادا ئېلىپ بېرىلغان تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش داۋامىدا يۈز بەرگەن.

پارتلاش يۈز بەرگەن بىنا لا پالوما (La Paloma) چېركاۋىنىڭ بولۇپ، دىن ئادەملىرىنىڭ يىغىلىش جايى ۋە تۇرىدىغان جايى ئىكەن.

مادرىد ۋالىيسى فرانكو پاردو ئالتە قەۋەتلىك بىنانى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان پارتلاشتا، 85 ياشلىق بىر ئايال بىلەن ئىككى ئەر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ بولسا، يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر