تۈركىيە ئىسپانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى بىر بىنادا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1567938
تۈركىيە ئىسپانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت مادرىدتىكى شىددەتلىك پارتلاشنىڭ ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا: «بىز ئىسپانىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 15:00 (تۈركىيە ۋاقتى 17:00) ئەتراپىدا  مادرىد شەھەر مەركىزىدىكى بىر بىنادا گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر