«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1568153

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ تەلرىفئەت رايونىدىن <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»