ب د ت: ئامېرىكانىڭ پارىژ كېلىشىمىگە قايتىش قارارىدىن خۇرسەنمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى چېكىنگەن «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يېڭىدىن قايتىش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1568033
ب د ت: ئامېرىكانىڭ پارىژ كېلىشىمىگە قايتىش قارارىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە، 2050-يىلغا بارغاندا نۆل كاربون قويۇپ بېرىش نىشانىغا يېتىش يولىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلىرىنى تېزلىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» گە يېڭىدىن قايتىش قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن گۇتېرېش، كىلىمات كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغىمۇ يېڭىدىن  قايتىدىغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېرېش، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ماس قەدەمدە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر