ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھىرات ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ئالتە ساقچى يارىلاندى.

1567305
ئافغانىستاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىرات جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئابدۇلئەھەد ۋەلىزادە، ھىراتنىڭ ئىنجىل ناھىيەسىگە قاراشلىق پۇل مالان رايونى ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىرات دۆلەت دوختۇرخانىسى باش دوختۇرى مۇھەممەد رافىق شىرزەي ھۇجۇمدا ئالتە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر