بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

1567274
بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بورېل، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزىدىغان تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سۆھبىتىنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

جوسېپ بوررېل ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا «ئورتاق تاشقى ۋە مۇداپىئە سىياسىتى» توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ 21 - يانۋاردىكى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان يىغىندا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 10 - دېكابىردىكى ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ھازىرقى كەيپىيات ئۆتكەن يازدىكىدىن ياخشى. چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشۈمنىڭ ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن مالتادىكى بىر سائەتمۇ داۋاملاشمىغان ئۇچرىشىشىمدىن ئۇزۇنراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرىكەتلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەمدۇق؟ بۇنىڭغا قارايمىز. مەن ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ 20 - يانۋاردىن 22 – يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان بىريۇسسېلدىكى زىيارىتى جەريانىدا بوررېل بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

ئۇ يەنە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوفىي ۋىلمېس ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر