سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى قازا قىلدى.

1566759
سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گاراسبالى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى جەرىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا،  جەرىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن 2 ئادەم قازا قىلدى. پارتلاشتىن كېيىن رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلدى.

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھۇجۇم ھەققىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى، ھەمدە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، سومالىدا پات – پات دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر