قاتار بىلەن پاكىستان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان بولدى

قاتار ئارمىيە باش ئىشتابى باشلىقى گېنېرال شاھىن بىن شاھىن ئەل غەنىم بىلەن پاكىستان ھاۋا ئارمىيەقوماندانى گېنېرال مۇجاھىد ئەنۋەر خان ئۆزئارا ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرىلەشتى.

1566488
قاتار بىلەن پاكىستان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى قوماندان پايتەخت دوھادا كۆرۈشكەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

ئۇچرىشىشقا ەر ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان .

قاتار ھاۋا ئارمىيەسى 2020-يىلى فېۋرالدىمۇ پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن دوھادا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

تەرەپلەر ئالدىنقى يىللاردىمۇ ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەزى كېلىشىملەرنى تۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر