ب د ت ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىغان 7 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى توڭلاتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىغان 7 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويدى.

1566732
ب د ت ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىغان 7 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەزالىق بەدەل پۇلى قەرزى ئەڭ كۆپ دۆلەت 16 مىليون 200 مىڭ دوللار بىلەن ئىران بولدى.

بېلەت تاشلاش ھوقۇقى توختىتىلغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولسا، نىگېر، لىۋىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي سۇدان ۋە زىمبابۋې ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دۆلەتلەر بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەرزنىڭ ئاز دېگەندە بىر قىسمىنى تاپشۇرىشى لازىم.

ب د ت نىزامنامىسىدا 2 يىللىق ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تۆلىمىگەن دۆلەتلەرنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق خامچوتى 3 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ب د ت تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن يىلىغا 6 يېرىم مىليارد دوللار خامچوت ئاجرىتىدۇ.

ئۆتكەن يىلىمۇ ۋېنېزۇئېلا، لىۋان، يەمەن، گامبىيە، توڭگا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە لېسوتو قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن بېلەت تاشلاش ھوقۇقى توڭلىتىپ قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر