ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ موسكۋادا نازارەتكە ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ:«ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت قانۇنىغا تاجاۋۇز قىلماڭلار، ئۆز دۆلىتىڭلاردىكى مەسىلىلەر بىلەن بولۇڭلار» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلەش ئالدىدا تۇرغان جېك سۇللىۋان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋادا نازارەتكە ئېلىنغان رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا قارىتا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلدى.
زاھاروۋا بۇ چاقىرىقلارغا«ئالدىن تەييارلانغان ئىنكاسلار» دەپ باھا بەردى ۋە: «خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىگىلىك ھوقۇقىقا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت قانۇنىغا تاجاۋۇز قىلماڭلار، ئۆز دۆلىتىڭلاردىكى مەسىلىلەر بىلەن بولۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىي بۇلتۇر زەھەرلەنگەندىن كېيىن گېرمانىيەدەداۋالىنىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن كەچتە گېرمانىيەدىن قايتىپ موسكۋاغا قونغاندا، ئايرودورۇمدا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.