سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاستىن شابېللې شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئابدۇلقادىر سىدى ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى.

1565487
سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاستىن شابېللې شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئابدۇلقادىر سىدى ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا ئالتە ئەسكەر قازا قىلدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سىدى ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئايرودۇرۇمغا قاراپ كېتىۋاتقاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

سىدى يارىلانماستىن قورتۇلغان ھۇجۇمدا ئالتە ئەسكەر قازا قىلغان، سومالى ئالاھىدە قىسىملىرى قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئەسكەر يارىلانغان.

يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پايتەخت مۇقدىشوغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئەششەباب تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان.

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى رايوندىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرگە ئىزچىل ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر