فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش ئۇرۇنىشى دۆلەت مەجلىسىدە رەت قىلىندى

فىرانسىيەدە 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ئۇرۇنۇشلىرى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

1565542
فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش ئۇرۇنىشى دۆلەت مەجلىسىدە رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ «جۇمھۇرىيەتچىلەر يۈرۈشى پارتىيەسى» پارلامېنت ئەزاسى ئارورې بېرگې ۋە ژان باپتىستې موراۋنىڭ ئۇرۇنۇشى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى.

كومىتىت بۇ ئۇرۇنۇشقا قارىتا «چەكتىن ئېشىپ كېتىش» دەپ باھا بەردى.

فىرانسىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بېرگې ۋە موراۋ 16-يانۋاردا ھۆكۈمەتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، دەسلەپتە «ئىسلام بۆلگۈنچى» دەپ ئاتالغان، كېيىنچە ئىسمى «جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىش» دەپ ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسىگە 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق ئارتىشىنى شۇنداقلا ئەرلەردىن  ئاياللارنىڭ ئۈستۈنلىكىنى نامايان قىلىدىغان كېيىملەرنى  كېيىشنى چەكلەيدىغان 2 ماددە قوشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق جامىلەرنىڭ مەبلەغلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى، مۇسۇلمانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى ۋە چەتئەلدىن دىنىي خادىملارنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر