ۋاكسىنا ئەملەشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئەنگلىيەدە

«كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى  ئەملەشنى خالايدىغانلار سانىنىڭ ئەڭ كۆپ ئەنگلىيەدە، ئەڭ ئاز فىرانسىيەدە ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

1564855
ۋاكسىنا ئەملەشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئەنگلىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەتقىقات شىركىتى YouGov ئېلىپ بارغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە پۇقرالىرى بىلەن دانىيەلىكلەر، «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزۈشنى خالايدىكەن، فىرانسىيەلىكلەر بىلەن پولشالىقلار بولسا ئارىسالدىلىق ئىچىدە ئىكەن.

راي سىناشقا قاتناشقانلاردىن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ % 73 تى، دانىيەلىكلەرنىڭ % 70 تى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ يېرىمىدىن ئازراقى، ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ نىسبەت ئالدىنقى يىلى ئىيۇلدىن بۇيان ھېچ ئۆزگەرمىگەن.

پولشادا راي سىناشقا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ % 37 تى، فىرانسىيەدە % 48 تى، تەكلىپ قىلىنغان تەقدىردە، ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشنى رەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، راي سىناش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كۆپ ساندىكى ئاز سانلىقلار ئالدىراپ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار، ئاۋۋال كۈتۈش ۋە ۋاكسىنىلارنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر