تۈركىيە ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ھىندونېزىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە بۈگۈن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈپ تېلېگرامما تارقاتتى.

1564505
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ ماجېنې شەھىرىدە بۈگۈن 6.2 بال يەر تەۋرەپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېدى.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەنگەن باياناتتا، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرۈلدى ۋە يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەندى.

غەربىي سۇلاۋېسى ئۆلكىسى تەبىئىي ئاپەتلەر ئورگىنى رەئىسى دارنو ماجىد، ئۆزلىرى ھازىرغىچە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماجېنې شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە 637 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن يەر تەۋرەشتە، مۇناسىۋەتلىك خادىملەرنىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر