مالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ب د ت ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيدى

مالىنىڭ تىمبۇكتۇ رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 4 كە يەتتى.

1564336
مالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ب د ت ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىل چىشى ساھىلى باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ پىل چىشى پۇقراسى بىر ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.

تۈنۈگۈن تىمبۇكتۇ-دوئېنتزا رايونىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ پارتلىغان، ئارقىدىنلا ئاپتوموبىل ئوققا تۇتۇلغانىدى. ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ 3 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر