پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئەمەلدارى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى باش كاتىپى جىبرىل ئەررەجۇب، تۈركىيەنىڭ پەلەستىندىكى سىياسىي بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

1563309
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئەمەلدارى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىبرىل ئەررەجۇب راماللاھتا تۈركىيەنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى باش ئەلچى ئەھمەد رىزا دەمىرئەر بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ۋە پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قىلىۋاتقان كۈچلۈك ياردىمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جىبرىل ئەررەجۇب، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈنمۇ رەھمەت ئېيتتى.

2006- يىلى پەلەستىندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلبە قىلغان ھاماس 2007 – يىلى غەززە رايونىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە مۇھاسىرە ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ كۈچ — ھاماس بىلەن  فەتھ (پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى) ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا زور سىياسىي ئىختىلاپلار داۋام قىلماقتا.

گەرچە ئارىدىكى 13 يىلدا ئىككى ھەرىكەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىجرا قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر