ئىران ھىندى ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى ئومان دېڭىزى ۋە ھىندى ئوكياندا دېڭىز ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

1562929
ئىران ھىندى ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى - ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «كۈچ—99» ناملىق مانېۋىر ئومان دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان مەكران ساھىللىرى ۋە ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مانېۋىرغا ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مايۇر گېنېرال مۇھەممەد باكىرى ۋە ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانى مايور گېنېرال سېيىت ئابدۇررەھىم مۇسەۋىيمۇ قاتناشتى.

ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى قاتناشقان مانېۋىر جەريانىدا «چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرىش، ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى دېڭىز ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىدا مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە دالا ھەرىكەتلىرى» قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مانېۋىر دائىرىسىدە يەنە ئىران دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى ئىشلەپچىقارغان مەكران تىك ئۇچار ئايروپىلان پاراخوتى باقىرى ۋە مۇسەۋىي قاتناشقان مۇراسىم بىلەن دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر