ئەنگلىيە: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى ۋېندى مورتون، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1562782
ئەنگلىيە: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مورتون ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا مۇقىملىق ئورنىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋېندى مورتون تىۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن گرېتسىيەنى «ئەنگلىيەنىڭ يېقىن دوستلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودىكى كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرى» دەپ ئاتىدى.

گىرېتسىيە – تۈركىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ 61- ئايلانمىسىنىڭ 25- يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر