مايكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋىرۇس ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئەيىبلەندى

پېرۇدا بىر سوت مەھكىمىسى مايكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتس، ئامېرىكالىق كارخانىچى جورج سوروس ۋە دۇنيادىكى ئەڭ باي ئائىلە روكفېللېرنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1562889
مايكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋىرۇس ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن «كوۋىد – 19» ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پېرۇدا بىر سوت مەھكىمىس، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسىنىڭ قانداق تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈش قارارى چىقاردى.

مەزكۇر سوت مەھكىمىسى، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسىنىڭ باي شەخسلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، بىل گەيتىس، جورج سوروس ۋە روكفېللېرنىڭ خاتالىقىنىڭ  سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قارارنامىسىدە، «بىل گەيتىس، جورج سوروس ۋە روكفېللېرگە ئوخشىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى قۇرغۇچىلارنىڭ سىرتىدا، ھېچقانداق دۇنيا ھۆكۈمىتى، ھەقىقىي ۋە قانۇنىي كۈچكە ئىگە شەخسلەرنىڭ،  بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس»  دېيىلگەن سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، پېرۇ ئالىي سوھكىمىسى،  تەكشۈرۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىغان سوتچىلارنى ئالدىن تەكشۈرۈشنى قارارلاشتۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تالاش – تارتىشلارنىڭ نىشانى، بىل گەيتس رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان، « Bill & Melinda Gates فوندى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ئىتتىپاقى ئىكەن.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن تورداشلار بىل گەيتسنى ئەيىبلىگەنىدى. ئىنتېرنېت مۇھىتىدا نۇرغۇن سۈيقەست نەزەرىيەلىرى تارقالغان، بىل گەيتىس، مىلياردلارچە ئىنساننى «مىكرو ئۆزەك» بىلەن  كۆزىتىش ئۈچۈن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن قاتتىق ئەيىبلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر