فەيسبۇك تۋىتتېردىن كېيىن، يۇتۇبمۇ دونالد ترامپنىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن فەيسبۇك ۋە تۋىتتېردىن كېيىن، گوگۇلمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يۇتۇب ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى.

1562613
فەيسبۇك تۋىتتېردىن كېيىن، يۇتۇبمۇ دونالد ترامپنىڭ ھېسابىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يۇتۇب ھېسابىدا 2 مىليون 770 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىدى.

شىركەتنىڭ تاشلىغان بۇ قەدىمى بىلەن، ترامپ ئاز دېگەندە 7 كۈنگىچە يۇتۇبقا سىن يوللىيالمايدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېكەتلىرىدىن تىۋىتتېر ۋە فەيسبۇكمۇ ترامپنىڭ ھېساباتىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر