فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخپىي دوكلاتى ئاشكارىلاندى

جو بايدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان 20-يانۋارمۇراسىمى يېقىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا،فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 50 ئىشتاتنىڭ مەركەزلىرىدىكى كونگرە بىنالىرىدا قوراللىق نامايىشلارنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات تارقاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

1561893
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخپىي دوكلاتى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئا ب س نىيۇس (ABC News) تېلېۋىزىيەسى قولغا چۈشۈرگەن دوكلاتقا ئاساسەن بىر خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «10-يانۋاردىن باشلاپ قولىمىزغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، 20-16-يانۋار كۈنلىرىدە 50 ئىشتاتنىڭ كونگرەسىدە قوراللىق نامايىشلار پىلان قىلىنغان. ئوخشاش شەكىلدە 20-17- يانۋار كۈنلىرىدە پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كونگرە بىناسىدىمۇ قوراللىق نامايىشلار بولىدۇ.»

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پايتەخت ۋاشىنگتوندا 20-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى.

ۋاشىنگتون شەھەر باشلىقى مىيۇرىيېل بوۋزېر (Muriel Bowser) 20- يانۋار يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىقلارغا ئىما قىلىپ: «خەلققە بايدىننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنى ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزوردىن كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.

6-يانۋار (2021)ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ سايلىغۇچىلار كېڭىشى بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەستىقلاش ئۈچۈن توپلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ تەرەپدارلىرى ئاقساراي ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ۋە ئارقىدىن ئونمىڭلارچە نامايىشچى كونگرەگە قاراپ يۈرۈگەن ئىدى. يۈزلىگەن نامايىشچى ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى. تەخمىنەن تۆت سائەت داۋاملاشقان ۋەقەلەردىن كېيىن، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋەزىيەتنى تىنچىتقان بولۇپ، ۋەقەلەردە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر