رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى

رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SMO) نىڭ ئالدىنقى سېپىگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى.

1561481
رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SMO) مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا  ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ھاماغا قاراشلىق گاب تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان ئېنكاۋى لىنىيەسىگە كېچىدە بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇمدا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SMO) غا تەۋە ئەسكەرلەردىن قازا قىلغانلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ بېسىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىغا جاۋابەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى (SMO) قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مائارات مۇخاس يېزىسىدىكى سنرۇيە ھۆكۈمىتى قسىملىرى بازىسىغا زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر