ئامېرىكادا كوۋىد-19 بېمارلىرىنى غول ھۈجەيرە ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم ياراتتى

ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچىلار غول ھۈجەيرە ئۇسۇلىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

1558603
ئامېرىكادا كوۋىد-19 بېمارلىرىنى غول ھۈجەيرە ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بىمارلاردا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

كىندىكتىن ئېلىنغان غول ھۈجەيرىلەر ئېغىر دەرىجىدىكى كوۋىد-19 بېمارلىرىغا ئوكۇل بىلەن ئۇرۇلدى.

دەسلەپكى بايقاشلاردا، بۇ ئۇسۇلنىڭ ھايات قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكى بايقالدى.

ئامېرىكا مىئامى مىللېر تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار سىناق قىلىنغان كىشىلەرگە ئۈچ كۈن بويىچە ھەر بىرىدە 200 مىليون ھۈجەيرە بار بولغان ئىككى خىل ۋاكسىنا ئەملىدى.

دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېغىر دەرىجىدىكى كوۋىد-19 بېمارلىرى بۇ ئۇسۇل بىلەن %91 ياخشىلانغان.

بۇ ئۇسۇل 1-تىپلىق دىئابىت بېمارلىرىنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان.

بولۇپمۇ يېڭى دىئاگنوز قويۇلغان كىشىلەردە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئەگەشمە تەسىرلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھازىر بۇ ئۇسۇل 24 بېماردا سىناق قىلىندى. تەتقىقاتچىلار داۋالاشنىڭ بىخەتەر كۆرۈنگەنلىكىنى، تېخىچە ھېچقانداق ئېغىر ئەكىس تەسىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر