خوڭكوڭدا سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ئۆكتىچى تۇتقۇن قىلىندى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا، ساقچىلار دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دېگەن سەۋەب بىلەن سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ئۆكتىچىنى تۇتقۇن قىلدى.

1558564
خوڭكوڭدا سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 ئۆكتىچى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن 2020 - يىلى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قانۇن كېڭىشى سايلىمىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن «دەسلەپكى سايلام» ئىكەن.

ئۆكتىچىلەرنىڭ قانۇن كېڭىشى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن 2020 -يىلى 11 -  ئىيۇلدىن 12 -  ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلامىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىسىز ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئۆز تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامغا قاتناشقۇچى 53 كىشى «ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭ ۋالىيسى كارى لام ئۆكتىچىلەرنى «دەسلەپكى سايلام» نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ  سايلامنى قانۇنسىز دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىلار سوتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر ھۆججەتلەر» نى ئاختۇرۇش ئۈچۈن ئۆكتىچى تاراتقۇلاردىن «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» ۋە «تۇراقلىق خەۋەرلەر» نىڭ ئىشخانىلىرىغا بېسىپ كىردى.

خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى جون لى قانۇن كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتىگە ئارىلىشىش ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر