كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە دېگۈدەك مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1558454
كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ يېپىق دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىغان  شىمالىي كورېيەدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى  ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلتېيى 2016 - يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چاقىرىلدى.

سەككىزىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى چاقىرىلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

كىم جوڭئۇن قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىقتىسادىي مەغلۇبىيەتتىن سۆز ئېچىپ،  ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە دېگۈدەك مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ چاقماق خەۋەرلىرىدە، كوۋىد-19 يۇقۇمى باشلانغاندىن بېرى شىمالىي كورېيەدە ھېچقانداق يۇقۇملىنىش كۆرۈلمىگەنلىكى، شۇنداقتىمۇ ۋاكسىنا تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، بىراق قۇرۇلتايغا قاتناشقان 7 مىڭ قاتناشقۇچىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ماسكا تاقىمىغانلىقى تەكىتلەندى.

خەۋەردە قۇرۇلتاينىڭ زادى قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈلمىدى، ئەمما 2016 - يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلتاينىڭ 4 كۈن، 1980-يىلىدىكى قۇرۇلتاينىڭ 5 كۈن ۋە 1970-يىلىدىكى قۇرۇلتاينىڭ 12 كۈن داۋاملاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر